□31:1 «مەن كۆزۈم بىلەن ئەھدىلەشكەن؛ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن قانداقمۇ قىزلارغا ھەۋەس قىلىپ كۆز تاشلاپ يۈرەي؟» ــ مانا بىز بۇ يەردىن ئايۇپنىڭ ئۆزىنىڭ بىردىن بىر ھەمرىيى بولغان ئايالىغا سادىق بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. ئۇ ئۆز ئايالىغا پەقەت سىرتتىن قارىغاندىلا ئەمەس، بەلكى چىن يۈرىكىدىن ساداقەتمەن ئىدى. ئۇ بۇ بابتا نىشان قىلغان پەزىلەت، مەسىھ ئەيسا ئىنجىلدا تەلەپ قىلغان پەزىلەتكە ناھايىتى يېقىن كېلىدۇ (يەنى، ئادەمنىڭ قەلب-ئويلىرىنى باشقۇرىدىغان ھەققانىيلىق ھەم مېھىر-مۇھەببەت). ئىنجىل، «ماتتا» 5-7-بابنى كۆرۈڭ.
■31:4 2تار. 16:9؛ ئايۇپ 34:21؛ پەند. 5:21؛ 15:3؛ يەر. 32:19
□31:8 «بىخلىرىم يۇلۇنۇپ تاشلىۋېتىلسۇن!» ــ «بىخلىرىم» دېگەن سۆزنىڭ «بالىلىرىم» دېگەن كۆچمە مەنىسىمۇ بار.
■31:9 ئايۇپ 24:15؛ پەند. 7:25
□31:10 «ئۆز ئايالىم باشقىلارنىڭ تۈگمىنىنى تارتىدىغان كۈنگە قالسۇن» ــ باشقا بىر خىل تەرجىمىسى: «ئايالىم باشقا بىرسى بىلەن بىللە بولسۇن».
■31:14 زەب. 44:20-21
■31:15 ئايۇپ 34:19؛ پەند. 14:31؛ 17:5
■31:24 مار. 10:24؛ 1تىم. 6:17
■31:25 زەب. 62:10
■31:26 قان. 4:19
■31:29 پەند. 17:5
■31:30 مات. 5:44؛ رىم. 12:14
□31:31 «ئەگەر چېدىرىمدىكىلەر مەن توغرۇلۇق: «خوجايىنىمىزنىڭ داستىخىنىدىن يەپ تويۇنمىغان قېنى كىم بار؟» دېمىگەن بولسا...» ــ دەرۋەقە، ئايۇپنىڭ بۇ گېپى ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سۆزلىرى ھەقىقەت بولمىغان بولسا، ئەمدى ئۆز يۇرتىدىكىلەر، چېدىردىكىلەر ئۇنى ئاڭلاپلا گۇۋاھلىق قىلىپ دەرھال ئىنكار قىلاتتى.
■31:32 ئىبر. 13:2؛ 1پېت. 4:9
□31:34 «ئەگەر ئادەمئاتىمىزدەك ئىتائەتسىزلىكلىرىمنى ياپقان... ... جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشلىرى ماڭا ۋەھىمە قىلغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن مەن تالاغا چىقماي يۈرگەن بولسام،...» ــ (33-34-ئايەت) ئەسلىدە ئادەمئاتىمىز گۇناھىنى خۇدادىن يوشۇرماقچى بولۇپ دەرەخلەر ئىچىگە مۆكۈۋالغانىدى. ئەمىلىيەتتە ئادەم ئۆز گۇناھلىرىنى خۇدانىڭ ئالدىدا ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلسىلا دەرھال ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇنداق قارايمىزكى، ئايۇپ مۇشۇ يەردە «ئەگەر گۇناھ قىلغان بولسام، خۇدانىڭ ئالدىدا ئېتىراپ قىلاتتىم؛ ئۇنداقتا خالايىقتىن ھېچ قورقمايتتىم» دېمەكچى. بەزى ئادەملەرنىڭ گۇناھ قىلماسلىقىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولىدۇ ــ يەنى خالايىقنىڭ پىكرىدىن بولغان قورقۇنچىسىدىنلا، خالاس. ئايۇپ ھەرگىز بۇنداق خىلدىكى ئادەملەردىن ئەمەس، ھەردائىم خۇدانى ئۆز ئالدىدا ئەڭ ئالىي ئورۇنغا قويىدۇ.
□31:35 «ھەممىگە قادىر ماڭا جاۋاب بەرسۇن! رەقىبىم مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئەرز يازسۇن!» ــ بىز «مېنىڭ رەقىبىم» دېگەن بۇ سۆزنى يەنىلا خۇدانى كۆرسىتىدۇ، دەپ تەھلىل قىلىمىز. يەنە بەزى شەرھچىلەر ئۇنى ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستلىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ.
□31:37 «مەن ئۇنىڭغا قەدەملىرىمنىڭ پۈتۈن سانىنى ھېسابلاپ بېرەتتىم» ــ «ئۇنىڭغا» يەنى خۇداغا، دېمەكچى.
□31:40 «ئارپىنىڭ ئورنىدا مەستەك ئۆسسۇن!» ــ «مەستەك» بۇغدايغا زىيان يەتكۈزىدىغان بىرخىل ئۆسۈملۈك؛ يەنە «كۈرمەك» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.