□32:2 «بۇزىلىق...ئېلىخۇ» ــ توغرۇلۇق: «بۇز» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ جەمەتنىڭ ئېدوم مىللىتى بىلەن، يەنى «ئۆلۈك دېڭىز»نىڭ شەرق تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر مىللەت بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىدى. ئېلىخۇ بەلكىم بۇ جەمەتتىكىلەردىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئادەم دەسلەپتە بىزگە تونۇشتۇرۇلمىغان؛ بىراق ئۇ چوقۇم بۇ تۆتەيلەننىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانلاردىن بىرى ئىدى.
■32:6 ئايۇپ 32:4، 7؛ 15:10
□32:7 «يېشى چوڭ بولغانلار» ــ ئىبرانىي تىلىدا «كۈنلىرى كۆپ بولغانلار». «يىللار كۆپەيسە، ئادەمگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ» ــ ياكى «ياشانغان ئادەم كىشىلەرگە دانالىقنى ئۆگىتىدۇ».
□32:8 «بىراق ھەربىر ئىنساندا روھ بار؛ ھەممىگە قادىرنىڭ نەپىسى ئۇنى ئەقىل-ئىدراكلىق قىلىپ يورۇتىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، ئېلىخۇنىڭ بۇ سۆزى ئۇ چۈشىنىپ يەتكەن چوڭ ھەقىقەتلەرنىڭ بىرىدۇر. تۆتەيلەن جۈملىدىن ئايۇپنىڭ ئۆزىمۇ بۇنى تىلغا كۆپ ئالمىغان. ئېلىخۇ خۇدانىڭ روھى (مۇقەددەس روھ) ھەربىر ئىنسانغا ئۆزىنىڭ روھى ھەم ۋىجدانى ئارقىلىق ۋەھىي بېرىپ، سۆز قىلىپ ساۋاق ئۆگىتىدۇ دېگەن تەلىمنى بېرىدۇ. ئىنساننىڭ خۇدانىڭ روھىنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىمايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى توغرىسىدا ئۇ كېيىن ئازراق سۆزلەيدۇ.
■32:8 ئايۇپ 12:13؛ 38:36؛ پەند. 2:6؛ توپ. 2:26؛ دان. 1:17؛ 2:21
■32:9 ئايۇپ 12:12
□32:13 «سىلەر: «ھەقىقەتەن دانالىق تاپتۇق!» دېيەلمەيسىلەر، ئىنسان ئەمەس، بەلكى تەڭرى ئۇنىڭغا رەددىيە قىلىدۇ» ــ ئېلىخۇ: ئۈچ دوستنىڭ ئايۇپنىڭ سۆزىگە رەددىيە بەرگۈدەك جاۋابنى تاپالمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئۆز پىكرى-تەجرىبىسىگە تايانغانلىقى، خۇدانىڭ ئۆزىدىنلا بىۋاسىتە دانالىق ئىزدىمىگەنلىكىدىن بولدى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ كۆزقارىشى بۇ جەھەتتىن توغرا بولۇشى مۇمكىن.
□32:16 «بۇ ئۈچەيلەن ھەيرانۇھەس بولۇپ، ... مەن كۈتۈپ تۇراتتىم، چۈنكى ئۇلار ... جىمجىت ئۆرە تۇرۇپ قايتا جاۋاب بەرمىدى» ــ بۇ سۆزلەر (15-16-ئايەت) بىزگە كىتابنىڭ يازغۇچىسىنىڭ، يەنى بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە نىسبەتەن يىپ ئۇچى تەمىنلەيدۇ. كىتابتىكي نەسرىي (شېئىرىيەت شەكلىدە بولمىغان) قىسىملاردا پەقەت بۇ يەردىلا «مەن» دېگەن ئالماشنى ئۇچرىتىمىز. شۇڭا بىز شۇنداق قارايمىزكى، مەزكۇر كىتابنى يازغۇچى ئېلىخۇ بولۇشى كېرەك. بىز ئۇنىڭ ئەرشتە بولغان كېڭەشلەردىن قانداق خەۋەردار بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ ئۆزى بايان قىلغاندەك «ھەربىر ئادەمگە تەلىم بەرگۈچى بولغان خۇدانىڭ روھى»نىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق شۇ ئىشلارنى بىلگەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشلارنى خاتىرە قالدۇرغان بولسا كېرەك.
□32:18 «ئىچىمدىكى روھ ماڭا تۈرتكە بولدى» ــ ئېلىخۇ ئىككىنچى قېتىم مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ئايۇپقا بەرمەكچى بولغان تەلىمىنى دەل مۇشۇ روھتىن كەلگەن، دېمەكچى.
□32:22 «مەن خۇشامەت قىلىشنى ئۆگەنمىگەنمەن؛ ئۇنداق بولىدىغان بولسا، ياراتقۇچۇم چوقۇم تېزلا مېنى ئېلىپ كېتىدۇ» ــ شۈبھىسىزكى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىرە قىلماسلىق توغرىدۇر؛ بۇ لىللا گەپ قىلىشتىكى ئالدىنقى بىر شەرت. بىراق ئېلىخۇ ئايۇپنىڭ «خۇداغا خۇشامەت قىلىش» گۇناھتۇر، دېگەن سۆزىنى (11:7-13نى كۆرۈڭ) چۈشەنمىگەندەك قىلاتتى؛ شۇڭا ئېلىخۇ پەقەتلا «ئادەمگە خۇشامەت قىلىش» توغرىسىدا سۆزلەيدۇ.