□74:1 «ئى خۇدا، سەن نېمىشقا مەڭگۈگە بىزنى تاشلىۋەتتىڭ؟ نېمىشقا غەزىپىڭنى تۈتۈن چىقارغاندەك ئۆز يايلىقىڭدىكى قويلىرىڭغا چىقىرىسەن؟» ــ بۇ كۈي بەلكىم بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، كۆپ ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن يېزىلغان.
□74:4 «مۆجىزاتلار ساقلانغان ئورۇنغا ئۇلار (دۈشمەنلەر) ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى» ــ خۇدانىڭ ئىبادەخانىدىكى «مۇقەددەس جاي»ىدا ئىسرائىل خەلقىنىڭ تارىخىدىكى بىرنەچچە «مۆجىزاتلار» ساقلىنىپ كەلگەنىدى. مەسىلەن، مۇسا پەيغەمبەر دەۋرىدىكى ««ماننا»غا تولغان ئالتۇن قاچا»، «ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى» قاتارلىقلار. بۇلارنى ۋەيران قىلىپ، دۈشمەنلەر ئاشۇ يەردە ئۆز تۇغلىرىنى تىكتى. ئىبرانىي تىلىدا «تۇغ» ۋە «كارامەت» دېگەن سۆزلەر بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
■74:7 2پاد. 25:9
□74:8 «ئۇلار كۆڭلىدە: «بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتايلى» دەپ، تەڭرىنىڭ زېمىندىكى جامائەتگاھلىرىنىڭ ھەربىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى» ــ خۇدانىڭ پەقەت بىرلا (سۇلايمان قۇرغان) ئىبادەتخانىسى بار ئىدى. بىراق ئۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايلار مەۋجۇت ئىدى ــ مەسىلەن: «شىلوھ» دېگەن جايدا «مۇقەددەس چېدىر» بار ئىدى («يە.» 1:18). خۇدانىڭ نامىنى يوقىتىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.
□74:9 «پەيغەمبەرلەرمۇ كەلمەسكە كەتتى» ــ بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار دانىيال ھەم ئەزاكىيال پەيغەمبەرلەرنى سۈرگۈن قىلىپ بابىلغا بالدۇر ئېلىپ كەتكەنىدى. يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا بىر تۈركۈم لۈكچەكلەر تەرىپىدىن مىسىرغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى.
□74:12 «يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قۇتقۇزۇشلارنى ئېلىپ بارغۇچى ئۇدۇر» ــ «يەر يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسى» بەلكىم «ئوتتۇرا شەرق»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■74:13 مىس. 14:21-31
□74:14 «دېڭىزدىكى لېۋىئاتاننىڭ باشلىرىنى چېقىپ،...» ــ «لېۋىئاتان» دېڭىز چوڭقۇر تەكتىدە ياشايدىغان قورقۇنچلۇق ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھايۋان. تۆۋەندىكى ئىزاھاتنى، «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ. «...ئۇنىڭ گۆشىنى ئوزۇق قىلىپ چۆلدىكى ياۋايىلارغا بۆلۈپ بەردىڭ» ــ «ئەجدىھالار» (13-ئايەت) ھەم «لېۋىئاتان» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ يەردە جىن-شەيتانلارنىڭ كۈچ-قۇدرەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى مىسىردىن ئازاد قىلغاندا، ئۇ مۇشۇ قۇدرەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. مۇشۇ ئايەت بويىچە «لېۋىئاتان»نىڭ بېشى كۆپ بولىدۇ. ئىنجىل «ۋەھىي» قىسمىدا ئۇنىڭ بېشى يەتتە ئىكەنلىكى كۆرسىتىلىدۇ. تەۋرات «ئايۇپ» -41باب، -1ئايەتتىكى، «يەشايا» 1:27-ئايەتتىكى ئىزاھاتلىرىمىزنى ھەم ئىنجىلدىكى «ۋەھىي» 12- ھەم 13-بابلارنى كۆرۈڭ.
□74:15 «يەرنى يېرىپ بۇلاقلارنى، ئېرىقلارنى ئاققۇزدۇڭ، سەن توختىماي ئېقىۋاتقان دەريالارنى قۇرۇتۇۋەتتىڭ» ــ مۇشۇ ۋەقەلەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تەۋراتتىكى «مىسىردىن چىقىش» ھەم «يەشۇئا» دېگەن قىسىملارنى كۆرۈڭ.
■74:15 مىس. 17:5، 6؛ چۆل. 20:11؛ يە. 3:13؛ زەب. 105:41؛ يەش. 48:21
■74:16 يار. 1:14-19