75
75-كۈي •••• ئادىل سوراقچى خۇدا
1 نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا «ھالاك قىلمىغايسەن» دېگەن ئاھاڭدا ئوقۇلسۇن دەپ تاپشۇرۇلغان، ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ
ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئى خۇدا، تەشەككۈر ئېيتىمىز!
چۈنكى نامىڭ بىزگە يېقىندۇر؛
بۇنى، قىلغان كارامەتلىرىڭ ئىسپاتلاپ جاكارلايدۇ.
2 مەنكى پەرۋەردىگار: ــ «مەن بېكىتكەن ۋاقىتنى ئىختىيارىمغا ئالغىنىمدا،
ئادالەت بىلەن سوراق قىلىمەن؛
3 يەر ھەم يەرنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋاتقانلار تەۋرىنىپ تۇرسىمۇ،
ئۇنىڭ تۈۋرۈكلىرىنى تۇرغۇزغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن» ــ دېدى.
سېلاھ.
4 ماختانغانلارغا: ــ «ماختانماڭلار»،
ھەم رەزىللەرگە «مۈڭگۈزۈڭنى كۆتۈرمە» ــ دېدىم؛ □ «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
5 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە؛
بوينۇڭنى قاتتىق قىلىپ غادىيىپ سۆزلىمە!»
6 چۈنكى كۆتۈرۈلۈش شەرقتىن ياكى غەربتىن ئەمەس،
ياكى جەنۇبتىنمۇ كەلمەيدۇ؛ □ «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».
7 چۈنكى خۇدا سوتچىدۇر؛
ئۇ بىرسىنى كۆتۈرىدۇ، بىرسىنى چۈشۈرىدۇ.
8 چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا بىر قەدەھ تۇرىدۇ؛
ئۇنىڭدىكى شاراب كۆپۈكلىشىۋاتىدۇ؛
ئۇ ئەبجەش شاراب بىلەن تولدى؛
خۇدا ئۇنىڭدىن تۆكىدۇ؛
دەرۋەقە يەر يۈزىدىكى بارلىق رەزىللەر ئۇنىڭ دۇغىنى قويماي ئىچىۋېتىدۇ؛
9 مەن بولسام، مەڭگۈگە گۇۋاھلىق بېرىمەن: ــ
ياقۇپنىڭ خۇداسىغا كۈيلەرنى ئېيتىمەن.
10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛
بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!».□ «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.
□75:4 «مۈڭگۈزۈڭنى يۇقىرى كۆتۈرمە» ــ تەۋراتتا، «مۈڭگۈز»لەر كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ ئابرۇي-شۆھرىتى ياكى كۈچ-قۇدرىتىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ بېشىدىن ئۆسكەن مۈڭگۈز ئەمەس، ئەلۋەتتە!
□75:6 «... جەنۇبتىن ئەمەس» ــ ياكى «(جەنۇبتىكى) چۆل-باياۋاندىن ئەمەس».
□75:10 «مەن رەزىللەرنىڭ مۈڭگۈزلىرىنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ تاشلايمەن؛ بىراق ھەققانىيلارنىڭ مۈڭگۈزلىرى كۆتۈرۈلىدۇ!» ــ سۆزلىگۈچى (مۇشۇ 10-ئايەتتە) خۇدانىڭ ئۆزى ياكى داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان مەسىھ بولسا كېرەك.