79
79-كۈي •••• يۇرتنى باسقان بالايىئاپەتتىن كۆتۈرۈلگەن نالە-زار
1 ئاساف يازغان كۈي: ــ
ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛
ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛
يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى. □ «ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى» ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.
2 ئۇلار قۇللىرىڭنىڭ جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا يەم قىلىپ،
مۆمىن بەندىلىرىڭنىڭ ئەتلىرىنى دالادىكى ھايۋاناتلارغا تاشلاپ بەردى.
3 ئۇلار خەلقىڭنىڭ قانلىرىنى يېرۇسالېم ئەتراپىدا سۇدەك ئاققۇزدى،
جەسەتلىرىنى كۆمگىلى بىرەر ئادەممۇ قالدۇرمىدى.
4 قوشنىلىرىمىز ئالدىدا رەسۋاغا قالدۇق،
ئەتراپىمىزدىكىلەرگە مەسخىرە ۋە مازاق ئوبيېكتى بولدۇق.■ زەب. 44:14؛ 80:6
5 قاچانغىچە، ئى پەرۋەردىگار؟
سەن مەڭگۈگە غەزەپلىنەمسەن؟
سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ □ «سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ » ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ». ■ زەب. 89:46
6 قەھرىڭنى سېنى تونۇمىغان ئەللەر ئۈستىگە،
نامىڭنى بىلمىگەن پادىشاھلىقلار ئۈستىگە تۆككەيسەن! ■ يەر. 10:25
7 چۈنكى ئۇلار ياقۇپنى يالماپ،
ئۇنىڭ ماكانىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى.
8 ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكلىرىنى بىزگە ھېسابلىمىغايسەن؛
رەھىمدىللىقلىرىڭ بىزنىڭ يېنىمىزغا چاپسان كەلگەي!
چۈنكى بىز ئىنتايىن پەس ئەھۋالغا چۈشۈرۈلدۇق. ■ يەش. 64:8
9 ئۆز نامىڭنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن بىزگە ياردەم قىلغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىزنىڭ خۇداسى،
نامىڭ ئۈچۈن بىزنى قۇتقۇزغايسەن، گۇناھلىرىمىزنى كافارەت قىلىپ كەچۈرگەيسەن؛
10 ئەللەر نېمىشقا: «ئۇلارنىڭ خۇداسى قەيەردە؟» دەپ مازاق قىلىشىدۇ؟
قۇللىرىڭ تۆككەن قان قەرزىنىڭ ھېسابى ئەللەر ئارىسىدا، كۆز ئالدىمىزدا قىلىنسۇن.
11 ئەسىرلەرنىڭ ئاھ-زارلىرى ئالدىڭغا كەلگەي؛
بىلىكىڭنىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن، ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنى ساقلىغايسەن.
12 ئى رەب، يات قوشنىلىرىمىزنىڭ ساڭا قىلغان زور ھاقارىتىنى يەتتە ھەسسە قوشۇپ ئۆزلىرىگە،
يەنى ئۇلارنىڭ ئىچى-باغرىغا قايتۇرغايسەن؛
13 شۇنداق قىلىپ، سېنىڭ خەلقىڭ ــ ئۆزۈڭ باققان قويلىرىڭ بولغان بىزلەر،
ساڭا مەڭگۈگە تەشەككۈرلەر ئېيتىمىز،
ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە سېنىڭ مەدھىيىلىرىڭنى ئايان قىلىمىز.
□79:1 «ئى خۇدا، ئەللەر ئۆز مىراسىڭغا بۆسۈپ كىردى؛ ئۇلار سېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭنى بۇلغىدى؛ يېرۇسالېمنى دۆۋە-دۆۋە خارابىلەرگە ئايلاندۇردى» ــ بۇ كۈي بابىل پادىشاھى نېبوقادنىسار مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى يېرۇسالېمنى، جۈملىدىن مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىپ، نۇرغۇن ئىسرائىللارنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن يېزىلغان بولسا كېرەك.
■79:4 زەب. 44:14؛ 80:6
□79:5 «سېنىڭ يۈرىكىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ » ــ ئىبرانىي تىلىدا «سېنىڭ ھەسىتىڭ ئوت بولۇپ ئۆرتىنىۋېرەمدۇ؟ ».
■79:5 زەب. 89:46
■79:6 يەر. 10:25
■79:8 يەش. 64:8