□80:1 «قۇلاق سالغايسەن، ئى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسى، يۈسۈپنى قوي پادىسىدەك بېقىپ يېتەكلىگۈچى؛ ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى، نۇرلانغايسەن!» ــ بۇ كۈي بەلكىم ئىسرائىلنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە (جەنۇبىي پادىشاھلىقىدا، يەنى «يەھۇدا»دا) مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 734-722 يىللاردا يېزىلغان؛ شۇ ۋاقىتلاردا ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئىسرائىل شىمالىي پادىشاھلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، بۇلاڭچىلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ئادەملىرىنى ئەسىرگە ئالدى. جەنۇبىي پادىشاھلىقتىكى بىر قىسىم كىشىلەر ئەپسۇسلىنىپ، شىمالىدىكى قېرىندىشلىرى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا ئولتۇرغۇچى» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»دا ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئىككى يېنىدا ئالتۇندىن ياسالغان بىردىن «كېرۇب»، يەنى كۈچلۈك پەرىشتىنىڭ سېيماسى تۇرىدۇ. خۇدا ئەسلىدە ئۆز ھۇزۇرىنىڭ بۇ ئىككى كېرۇب ئوتتۇرىسىدا بولۇشىغا ۋەدە قىلغان.
■80:3 زەب. 4:6؛ 31:16؛ 67:1-2؛ دان. 9:17
□80:6 «بىزنى قوشنىلىرىمىزغا تالاشقا قويدۇڭ» ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: ــ «سەن بىزنى قوشنىمىزغا مازاق ئوبيېكتى قىلدىڭ» دېگەن سۆزلەر تېپىلىدۇ.
■80:6 زەب. 44:13-14؛ 79:4
■80:8 يەش. 5؛ يەر. 2:21؛ ئەز. 15؛ 17:3-10؛ يـۇھ. 15:1
□80:10 «قۇدرەتلىك كېدىر دەرەخلىرىدەك..» ــ ياكى «تەڭرىنىڭ كېدىر دەرەخلىرىدەك...».
□80:14 «... كېلىپ بۇ ئۈزۈم تېلىدىن خەۋەر ئالغايسەن» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «بۇ ئۈزۈم تېلىنى يوقلىغايسەن» دېگەن سۆزلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
□80:17 «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم... يەنى ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى..» ــ «ئوڭ قولۇڭدىكى ئادەم»، «ئۆزۈڭ ئۈچۈن مەزمۇت يېتىشتۈرگەن ئىنسان ئوغلى» شۈبھىسىزكى مەسىھ توغرۇلۇق ئالدىنئالا ئېيتىلغان بېشارەتلىك سۆز.
■80:17 زەب. 110:1؛ دان. 7:13، 14؛ مات. 16:27؛ ئىبر. 1:3؛ 8:1؛ 10:12؛ 12:1؛ 1پېت. 3:22