□17:3 «شۇنىڭ بىلەن ئۇ پەرىشتە مېنى روھنىڭ ئىلكىدىكى ھالەتتەبىر چۆلگە ئېلىپ باردى» ــ مۇشۇ جۈملىدىكى «روھ» ياكى ئۆز روھىنى ياكى مۇقەددەس روھنىمۇ كۆرسىتىشى كېرەك.
■17:3 ۋەھ. 13:1؛ 17:8.
■17:4 ۋەھ. 18:16.
□17:5 «پېشانىسىگە بىر سىر ــ «كاتتا بابىل، پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىقلارنىڭ ئانىسى» دېگەن نام پۈتۈكلۈك ئىدى» ــ «سىر» بولسا ئىنجىلدا ئەسلىدە يوشۇرۇن، خۇدا ئۆز بەندىلرىگە ئاشكارە قىلغان بىر ئاجايىب ھەقىقەتنى كۆرسىتىدۇ.
■17:5 2تېـس. 2:7.
□17:6 «ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگۈچىلەر» ــ ياكى «ئەيسانىڭ گۇۋاھچىلىرى». بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن تارتىپ «گۇۋاھچى» دېگەن سۆز «خۇدانىڭ يولىدا قۇربان بولغۇچى» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرەتتى. سەۋەبى، نۇرغۇنلىغان ئېتىقادچىلار گۇۋاھلىق بېرىش يولىدا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىناتتى.
■17:6 ۋەھ. 18:24.
□17:8 «سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق؛ ئۇزۇن ئۆتمەي تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ... ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ» ــ بۇ سىرلىق ئايەت، شۇنداقلا بۇ بابتا بېشارەت قىلىنغان باشقا ئىشلار ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
■17:8 مىس. 32:32؛ فىل. 4:3؛ ۋەھ. 13:8.
■17:9 ۋەھ. 13:18،1.
□17:11 «بۇرۇن بار بولغان، ئەمدى ھازىر يوق بولغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھدۇر، شۇنداقلا ئۇ ھەم يەتتىسىدىن بىرى بولۇپ ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدۇ» ــ بىز بۇ سىرلىق ئايەت ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز، ئەلۋەتتە.
□17:12 «سەن كۆرگەن ئون مۈڭگۈز ئون پادىشاھدۇر. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقلىرى تېخى يوق، ئەمدى ئۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ» ــ «دان.» 39:2-43، 23:7-26نى كۆرۈڭ.
■17:12 دان. 7:20؛ ۋەھ. 13:1.
■17:14 1تىم. 6:15؛ ۋەھ. 16:14؛ 19:16.
□17:15 «ئۆزئارا توپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەر...» ــ مۇشۇ ئىبارە بولسا بەلكىم ئاخىرقى زامانلاردا (1) نۇرغۇن كىشىلەر ئىگە-چاقىسىز سەرسان يۈرىدىغانلىقى؛ ياكى (2) نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز دۆلىتى ئىچىدە بىر-بىرىگە ئۇيۇشۇپ سىياسىي مەقسەتتە گۇرۇھلاشقانلىقىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
■17:15 يەش. 8:7.
■17:16 ۋەھ. 18:8.
□17:18 «..يەر يۈزىدىكى پادىشاھلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەر..» ــ «كاتتا شەھەر» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولۇشى كېرەككى، ئۇ بابىلنى كۆرسىتىدۇ (1-ئايەت).
■17:18 ۋەھ. 16:19.