■1:3 يار. 6:7
□1:4 «مۇشۇ يەردە «بائال»نىڭ قالدۇقىنى، «قېمار»لارنىڭ نامىنى كاھىنلار بىلەن بىللە ئۈزۈپ تاشلايمەن» ــ «بائال» پەلەستىندىكىلەر چوقۇنىدىغان بىر بۇت ئىدى. «بائالنىڭ قالدۇقى» «بائال» دېگەن بۇتقا چوقۇنغانلاردىن قېلىپ قالغان كىشىلەر. «كاھىنلار» دېگەن خۇدانىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا ئىشلەيدىغان مەخسۇس «قۇربانلىق قىلغۇچىلار». «قېمار»لار بولسا ئۆزلىرىنى بۇتلارغا بېغىشلىغان «قۇربانلىق قىلغۇچىلار» ئىدى («2پاد.» 23:23، «ھوش.» 5:10نى كۆرۈڭ). خۇداغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئادەملەر بولسا، «خۇدا «قېمار»لارنى يوقىتىشى مۇقەررەر» دەپ ئويلىسا كېرەك. بىراق بۇ ئاخىرقى جۈملىدىن قارىغاندا «كاھىنلار» بىرىنچى بولۇپ ئەيىبلەندى. سۆزگە قارىغاندا ئۇلارمۇ بۇتپەرەس بولۇپ قالدى. شۇڭا ئۇلار «قېمار»لاردىن تېخىمۇ ئەيىبلىك، «قېمىلار»غا نىسبەتەن ئۇلار ھەقىقەتنى ئوبدان چۈشىنىشى كېرەك ئىدى.
□1:5 ««مالكام»نىڭ نامى بىلەنمۇ قەسەم قىلىدىغانلار...» ــ دېمىسەكمۇ «مالكام» يەنە بىر بۇت.
■1:6 يەش. 1:4؛ 59:13؛ يەر. 15:6
□1:7 «پەرۋەردىگار قۇربانلىقنى تەييارلىدى، ئۇ مېھمانلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇپ» ھالال قىلدى» ــ تەۋرات دەۋرىدىكى قۇربانلىقلاردىن بەزىلىرىنى يېگىلى بولاتتى، قۇربانلىقلار سۇنۇلغاندا مېھمانلارنى چاقىرىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. بىراق 8-9-ئايەتكە قارىغاندا، مېھمانلارنىڭ ئۆزى بۇ «قۇربانلىق»نىڭ بىر قىسمى بولىدۇ. ئۇلارنى «تاھارەت قىلدۇرۇش»، مۇشۇ يەردە «ناپاك نەرسىلەردىن ئايرىۋېتىش، يۇيۇش» ياكى «خۇداغا ئايرىۋېتىش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئۆزى «قۇربانلىق» بولۇشقا «ھالال» بولىدۇ. «مېھمانلار»نىڭ كۆپىنچىسى بولسا خۇداغا قارشى چىققانلارنىڭ نۇرغۇن جەسەتلىرىنى يەيدىغان، شۇنداقلا ئەسلىدە «ھارام بولغان» قۇشلار ۋە ھايۋاناتلار بولىدۇ («يەش.» 6:34، «يەر.» 10:46، «ئەز.» 17:39-19نىمۇ كۆرۈڭ).
□1:8 «مەن ئەمىرلەرنى، پادىشاھلارنىڭ ئوغۇللىرىنى ۋە يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى كىيىۋالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، زەفانىيا «پادىشاھنىڭ ئوغلى» ئىدى. شۇڭا ئۇ بۇ ئوردىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبدان بىلەتتى. مۇشۇنداق «يات ئەللەرنىڭ كىيىملىرىنى (ئەجنەبىيچە كىيىمنى) كىيىۋېلىش» بەلكىم بۇتپەرەسلىككە ياكى تەكەببۇرلۇققا مۇناسىۋەتلىك گۇناھ بولسا كېرەك.
□1:9 «شۇ كۈنى مەن بوسۇغىدىن دەسسىمەي ئاتلايدىغانلارنى، يەنى زۇلۇم-زوراۋانلىق ھەم ئالدامچىلىققا تايىنىپ، خوجايىنلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى تولدۇرىدىغانلارنى جازالايمەن» ــ خۇدا مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر ئارقىلىق خۇراپىيلىقنى ئەيىبلىگەن بولسا كېرەك. «ئۆي بوسۇغىسىنى دەسسمەسلىك كېرەك، يامان بولىدۇ» دېگەنلىك ئېنىق بىر مىسالدۇر. ئۇلار ئەسلىدىنلا تەۋراتتىكى مۇقەددەس قانۇنغا خىلاپ بولغان مۇشۇنداق خۇراپىي ئۇششاق-چۈششەك قائىدىگە رىئايە قىلغىنى بىلەن، زۇلۇمنى ھېچۋەقەسى يوق دەپ قورقماي قىلىۋېرىدۇ.
■1:9 1سام. 5:4، 5.
□1:10 ««بېلىق دەرۋازىسى»دىن «ۋايداد»، «ئىككىنچى مەھەللە»دىن ھۆركىرەشلەر...» ــ «بېلىق دەرۋازىسى» ھەم «ئىككىنچى مەھەللە» يېرۇسالېمنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ باشقا ئۈچ تەرىپى تىك يار ئىدى، ھۇجۇم كەلسە دائىم شىمالىي تەرىپىدىن كېلەتتى.
□1:11 «چۈنكى «سودىگەر خەلق»نىڭ ھەممىسى قىلىچلاندى، ...» ــ بۇ بەلكىم كىنايىلىك گەپ. ئىبرانىي تىلىدا «سودىگەر» ۋە «قانائان» دېگەنلەر ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئىسرائىل خەلقى ئەسلى بۇتپەرەس بولغان «قانائان خەلقى»نى پەلەستىندىن (قانائاندىن) ھەيدىۋەتكەنىدى. بىراق ئىسرائىل ئۆزى ھازىر «خۇدانىڭ خەلقى» ئەمەس، بەلكى «سودىگەر خەلق» ھەم «بۇتپەرەس بىر خەلق» بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ. ئۇلارنىڭ قىلغان سودىسىمۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ھارام ئوخشايدۇ.
□1:12 «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شارابتەك تۇرغان ئەندىشىسىز ئادەملەر...» ــ «ئارزاڭلىرى ئۈستىدە تىنغان شاراب» شاراب تىنىشى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت مىدىرلىماي تۇرۇشى كېرەك. تىنغان «ئارزاڭلار»، (دۇغ، چۆكۈندە) ناھايىتى ئاچچىق بىر نەرسە، ئەلۋەتتە.
■1:14 يو. 2:10، 31؛ 3:15؛ يەش. 2:12-22؛ 13:10؛ 24:23؛ ئام. 9:8؛ مات. 24:29؛ روس. 2:20؛ ۋەھ. 6:12-13
□1:16 «ئاگاھ سىگنالى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ» ــ ياكى «جەڭ ۋارقىراشلىرى كۆتۈرۈلىدىغان بىر كۈن بولىدۇ».
□1:18 «مۇتلەق بىر ھالاكەت، دەھشەتلىك بىر ھالاكەت» ــ ياكى «مۇتلەق بىر ھالاكەت، چاقماقتەك بىر ھالاكەت».
■1:18 پەند. 11:4؛ ئەز. 7:19؛ زەف. 1:14-16