□2:1 «يىغىلىڭلار، ئۆزۈڭلارنى يىغىڭلار، ئى نومۇسسىز «يات ئەل»» ــ «يات ئەل» مۇشۇ يەردە ئىسرائىل خەلقى خۇداغا نىسبەتەن بۇتپەرەس بىر يات ئەلگە ئوخشايدۇ، دېگەنلىك. ئۇلارنىڭ «يىغىلىشى» بەلكىم جامائەتتە بولۇپ دۇئا-تىلاۋەت بىلەن خۇدانى ئىزدەش ئۈچۈن بولسا كېرەك. ئىبرانىي تىلىدىكى «يىغىلىڭلار» دېگەن بۇ پېئىل ئادەتتە پەقەت «پاخال يىغىۋېلىش»نى كۆرسىتىدۇ، بۇ مۇشۇ يەردە ئىنتايىن كىنايىلىك گەپ بولۇپ، ئىسرائىل پاخالدەك بىر خەلق، خۇدانىڭ ئوتىدا تېزلا كۆيدۈرۈلۈش خەتىرىدە تۇرىدۇ، دېگەنلىك (2-ئايەتنى كۆرۈڭ).
■2:3 زەب. 27:5؛ 32:5-7
□2:4 «چۈنكى گازا تاشلانغان بولىدۇ، ئاشكېلون ۋەيرانە بولىدۇ؛ ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئەكرون يۇلۇپ تاشلىنىدۇ» ــ بۇ شەھەرلەر فىلىستىيەدىكى بەش چوڭ شەھەرنىڭ تۆتى. ئۇلارنىڭ تەرتىپى شىمالدىن جەنۇبقا بولۇپ، ھۇجۇم شىمالىي تەرىپىدىن كېلىدىغان ئوخشايدۇ. «ئاشدودنى چۈش بولمايلا ھەيدىۋېتىدۇ» دېگەن جۈملە بەلكىم ھۇجۇم ئەتىگەندە باشلىنىپ چۈش بولغۇچە غەلىبىلىك تاماملىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. باشقا بىرخىل چۈشەنچىسى، ھۇجۇم چۈش ۋاقتىدا، يەنى ئادەم ئۇخلىغان ۋاقىتتا قىلىنىدۇ، «ئۇلار ئاشدودتىكىلەرنى چۈشتە ھەيدىۋېتىدۇ» دېگەنلىك.
□2:5 «دېڭىز بويىدىكىلەر، يەنى قېرەت ئېلىدىكىلەرگە ۋاي!» ــ بۇ سۆزمۇ فىلىستىيلەرگە قارىتىلغان. «قېرەتلەر» بەلكىم «كرېت»دىكىلەر دېگەن مەنىدە. ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى (ئوتتۇرا دېڭىزدىكى) كرېت ئارىلى ئىدى.
□2:7 «ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ،...» ــ ئىبرانىي تىلىدا: «ئۇلارنى يوقلاپ...» دېگەن سۆزلەر بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
□2:9 «موئاب جەزمەن خۇددى سودومدەك، ئاممونىيلار خۇددى گوموررادەك بولىدۇ...» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدا بولۇشى مۇمكىنكى، خۇدا سودوم ۋە گوموررا شەھەرلىرىنى رەزىللىكلىرى تۈپەيلىدىن ئاسماندىن ئوت چۈشۈرۈپ ۋەيران قىلىۋەتكەن.
□2:12 «ئى ئېفىئوپىيلەر، سىلەرمۇ مېنىڭ قىلىچىم بىلەن ئۆلتۈرۈلىسىلەر» ــ بۇ بېشارەتتىن تەخمىنەن 80 يىلدىن كېيىن «كامبۇسىس II» ئېفىئوپىيەگە تاجاۋۇز قىلدى (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 525-يىلى). بېشارەت بۇ ۋەقەنى ياكى بولمىسا ئاخىرقى زاماندىكى بىر ۋەقەنى كۆرسىتىشى كېرەك.
□2:13 «ئۇ قولىنى سوزۇپ شىمالغا تەگكۈزۈپ، ئاسۇرىيەنى ھالاك قىلىدۇ، نىنەۋە شەھىرىنى ۋەيرانە، چۆل-باياۋاندەك قەھەتچىلىك جاي قىلىدۇ» ــ بۇ بېشارەتلەر (12-15-ئايەتلەر) زەفانىيانىڭ سۆزلىرىدىن پەقەت بىرنەچچە يىلدىن كىيىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 612-يىلى، بۈيۈك ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى پايتەختى نىنەۋە بىلەن بىللە پۈتۈنلەي بەربات قىلىندى. ئېفىئوپىيە باشقا يۇرتلاردىن يىراق بولسىمۇ، قاتتىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى (12-ئايەت). زەفانىيانىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭ «پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى» توغرۇلۇق بولغان بېشارەتلىرى ھەم باشقا بېشارەتلىرىنىمۇ بەرىبىر ئاخىرىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ، دەپ بىلگەن بولدى.
□2:15 «ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۈشقىرتىدۇ، قولىنى سىلكىيدۇ» ــ بۇ ھەرىكەتلەر بەلكىم ھەيران بولغانلىق ياكى مازاق قىلغانلىقنى بىلدۈرىدۇ.