كېرۇبلار بولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل پەرىشتىلەر بولۇپ، خۇدانىڭ چىقارغان ھۆكۈم-جازالىرىنى بېجىرىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان» دېگىنى، سەن بىزگە يېقىنلاشقان ھەم بىزگە رەھىم كۆرسەتمەكچى بولغان خۇداسەن» دېگەنلىكتۇر. 16 ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن! 17 ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى، شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، □ «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار» ــ مۇشۇ ئىبارىنى سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. بىز شەرھلەش ئۈچۈن ئۇنى قوشتۇق. 18 ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلىرى، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيلار ئۇلارنى ھالاك قىلدى. 19 ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».
■19:2 يەش. 1:1
□19:7 «... مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆز زېمىنىدا تۇرغۇزۇپ قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ يەشايانىڭ مۇشۇ ۋەھىيىنى دىققەت بىلەن ئوقۇسىڭىز، ئۇ ھەزەكىيانىڭ (6-ئايەتتىكى) تەلىپى بويىچە دۇئا قىلماي، بەلكى بىۋاسىتە خەۋەرچىلەرگە جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئاسۇرىيە توغرۇلۇق نۇرغۇن بېشارەتلەرنى قىلغان. خۇدا مۇشۇ پەيت-ئەھۋال توغرۇلۇق ئىسرائىلغا ئۇقتۇرغان (مەسىلەن، «يەش.» 5:10-21، 24:14-25نى كۆرۈڭ). بىراق ھەزەكىيا ۋە ئوردىسىدىكىلەر مۇشۇلارنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كۆرگەن كارامەت مۆجىزىلەرنى («يەش.» 38-بابنىمۇ كۆرۈڭ) پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
□19:9 «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» ــ بۇ ئىش ئەمەلىيەت ئەمەس، ھەمدە شۇ چاغدا مۇمكىن بولمىغانىدى. بىراق خۇدا ئۆزى ئەۋەتكۈزگەن «ئالدامچى روھ»نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرگەن.
□19:11 «ئۆز ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلىش» ــ بۇ دېگەنلىك ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا، يەنى ««ھارام» قىلىش» ياكى ««ھەرەم» قىلىش» بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.
□19:13 «خامات، ئارپاد، سەفارۋائىم، خېنا ۋە ئىۋۋاھ» ــ مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىزگە بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم.
□19:15 «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان» ــ مۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى ئەڭ ئىچكىرى ئۆي، يەنى «ئەڭ مۇقەددەس جاي» دېگەن ئۆيدە، خۇدانىڭ «رەھىم كۆرسىتىدىغان ئورۇن-تەختى» («كافارەت تەختى») («رەھىمگاھ») بار ئىدى. مۇشۇ ئورۇندا خۇدا ئىسرائىلنىڭ ئالاھىدە قۇربانلىقلىرىنىڭ قانلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. ئورنىنىڭ ئىككى تەرىپىنىڭ ھەربىرىدە ئالتۇندىن ياسالغان، تەختكە قارىتىلغان بىردىن «كېرۇب» بار ئىدى. مۇسانىڭ دەۋرىدىن تارتىپ خۇدانىڭ پارلاق شان-شەرىپى سىرلىق ھالدا شۇ تەختنىڭ ئۈستىدە، يەنى «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا» تۇرغانىدى. كېرۇبلار بولسا ئىنتايىن كۈچلۈك بىرخىل پەرىشتىلەر بولۇپ، خۇدانىڭ چىقارغان ھۆكۈم-جازالىرىنى بېجىرىدۇ. «كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان» دېگىنى، سەن بىزگە يېقىنلاشقان ھەم بىزگە رەھىم كۆرسەتمەكچى بولغان خۇداسەن» دېگەنلىكتۇر.
□19:17 «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار» ــ مۇشۇ ئىبارىنى سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. بىز شەرھلەش ئۈچۈن ئۇنى قوشتۇق.
□19:22 «كۇپۇرلۇق» ــ كىم ئۆزىنى خۇدانىڭ ئورنىدا قويۇپ، «ھەممە ئىشنى قىلالايمەن» دېسە، كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ، شۇنداقلا ھامان بىر كۈنى يىقىتىلىدۇ.
□19:23 «ئۇنىڭ ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانزارلىقى» ــ بۇ ئايەتتىكى «بۈك-باراقسان» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «كارمەل» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. كارمەل بولسا ئىسرائىلنىڭ ئەڭ مۇنبەت ۋە چىرايلىق جايى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ «ئۇنىڭ «كارمەل» ئورمانزارلىقىغا كىرىمەن» دېگىنى «ئۇنىڭ (لىۋاننىڭ) ئەڭ چىرايلىق جايىغا (ھېچ توسالغۇسىز) بارىمەن» دېگەندەك پو ئاتىدىغان مەنىنى ئىپادىلەيتتى. لىۋاندا «كارمەل» دېگەن جاي يوق.
□19:24 «... پۇتۇمنىڭ ئۇچىدىلا مەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريا-ئۆستەڭلىرىنى قۇرۇتىۋەتتىم» ــ يۇقىرىقى 22-ئايەتتە پادىشاھ ئۆزىنىڭ تەس ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىنى، مەسىلەن لىۋان رايونىدىكى ئەڭ يۇقىرى تاغلارغا چىقالايدىغانلىقىنى (كۆچمە مەنىسى، بەلكىم ئالىيجاناپ، كۈچلۈك پادىشاھلاردىن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ)، ئەڭ ئېسىل نەرسىلەرگە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ. مۇشۇ 24-ئايەتتىكى «پۇتۇم... قۇرۇتىۋەتتىم» دېگىنى، دېھقاننىڭ پۇتى بىلەنلا توپىنى ئىتتىرىپ ئېرىقنى توسۇپ، سۇنى قۇرۇتىۋەتكىنىدەك، «مەن خالىساملا ناھايىتى ئاسانلا ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن، ھەتتا نىل دەرياسىنىمۇ قۇرۇتىۋېتەلەيمەن» دېگەن مەنمەنلىكنى بىلدۈرمەكچى.
□19:26 «ئۆگزىدىكى ئوت-چۆپلەر...» ــ بۇ دېگەنلىكنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن.
□19:28 «مەن قارمىقىمنى بۇرنىڭدىن ئۆتكۈزىمەن، يۈگىنىمنى ئاغزىڭغا سالىمەن...» ــ ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى مۇشۇنداق رەھىمسىز يول بىلەن ئەسىرلەرنى يالاپ ماڭاتتى.
□19:29 «مۇشۇ يىلى ئۆزلۈكىدىن ئۆسكەن، ئىككىنچى يىلى شۇلاردىن چىققانلارمۇ سىلەرنىڭ رىزقىڭلار بولىدۇ؛ ئۈچىنچى يىلى بولسا تېرىيسىلەر، ئورىسىلەر، ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر؛ ئۇلاردىن چىققان مېۋىلەرنى يەيسىلەر» ــ مۇشۇ مۆجىزە ئىشەنچ-ئېتىقادنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەم خەلقنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلگەن. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېرىقچىلىق قىلىش مۇمكىن ئەمەس؛ ئاسۇرىيە قوشۇنى كەتكەندىن كېيىنكى يىلىدىمۇ، قوشۇنىدىن قېلىپ قالغانلىرى پاراكەندىچىلىك قىلىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا مۆجىزە ئۈچىنچى يىلغىچە سوزۇلىدۇ. «ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى تىكىسىلەر... مېۋىسىنى يەيسىلەر» دېگەن ۋەدە، تىنچلىق مەزگىلنىڭ ئۇزۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (ئۈزۈم تاللىرىنى ئۆستۈرۈشكە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ، ئەلۋەتتە). كىشىلەرنىڭ ئاسۇرىيە قوشۇنلىرىنىڭ تۇيۇقسىز چېكىنىشىنى «تاسادىپىيلىقتىن» دېمەسلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىككىنچى مۆجىزە بېرىلدى. شۇنداقتىمۇ، مەزكۇر «پادىشاھلار» دېگەن كىتابقا قارىغاندا، خەلقلەر يەنىلا ئىككى مۆجىزىنى تېزلا ئۇنتۇيدۇ، خۇداغا ۋاپاسىزلىق قىلىۋېرىدۇ.
■19:34 2پاد. 20:6
□19:35 «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، تەۋراتتىكى «يار.» 18-بابنى كۆرۈڭ). «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.
■19:35 يەش. 37:36
□19:37 «ئۇ ئۆز بۇتى نىسروقنىڭ بۇتخانىسىدا ئۇنىڭغا چوقۇنۇۋاتقاندا، ئوغۇللىرى ئادراممەلەك ھەم شارئېزەر ئۇنى قىلىچلاپ ئۆلتۈرۈۋەتتى» ــ مۇشۇ ۋەقە سەنناخېرىب ئىسرائىلدىن چېكىنىشتىن 20 يىل كېيىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 681-يىلى) بولدى.
■19:37 2تار. 32:21؛ يەش. 37:38