(1) ھەزەكىيا خۇداغا: «قەدەملىرىمنى ساناپ ماڭىمەن» دېگەن ۋەدىنى بەرگەنىدى، لېكىن بۇ قېتىم خۇدادىن ھېچ سورىماي شۇنداق قىلغان؛
(2) ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئۇ بەلكىم: «ھازىر مەن «جاھانغا داڭقى چىققان ئادەممەن»، «كىچىك دۆلىتىمىزنىڭ جاھاندا ئورنى بار» دەپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
(3) مۇشۇلاردىن سىرت، بىلىشىمىزچە مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى بەرپا قىلماقچى. ئۇ «تەكەللۇپ كۆرسىتىدىغان» مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەزەكىيانى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغانلىقىنى، قۇياشنىڭ نۇرىنىڭ «كەينىگە يانغانلىقى»دەك ئىنتايىن كارامەت مۆجىزىنى كۆرگەن، خۇدانىڭ «مەن سىلەرنى ئاسۇرىيەدىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ھەزەكىيا قانداقمۇ خۇداسىز بىر ئەل-يۇرت بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغاندۇ؟
«ئاغۋات» ــ پىچىۋېتىلگەن ئادەم، «يەش.» 4:56-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
■20:1 2تار. 32:24؛ يەش. 38:1
□20:5 «ئاتاڭ داۋۇت» ــ ھەزەكىيا داۋۇت پەيغەمبەرنىڭ ئون ئۈچىنچى ئەۋلادى ئىدى.
□20:12 «مېروداق-بالادان» ــ ياكى «بېروداق-بالادان». «بابىل پادىشاھى مېروداق-بالادان... خەتلەر ھەدىيە بىلەن ئەۋەتتى» ــ مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب تەرىپىدىن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 702-يىلى غۇلىتىلدى. مۇشۇ ئىشمۇ شۇ يىلدا بولغان بولۇشى كېرەك. دېمەك، بۇ ئىش، يەنى 20-بابتا ۋە «يەش.» 38-39-بابتا تەسۋىرلەنگەن ئىشلار «2پاد.» 17:18-37 ۋە 19-بابتىكى ئىشلاردىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن. ئەمدى نېمىشقا ئۇلاردىن كېيىن خاتىرىلەنگەن؟ مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق «يەش.» 1:39دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
□20:18 «بابىللىقلار ئوغۇللىرىڭنى، يەنى ئۆزۈڭدىن بولغان ئەۋلادلىرىڭنى ئېلىپ كېتىدۇ ... ئۇلار بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا ئاغۋات بولىدۇ» ــ كۆرۈنۈشتە ئاددىي كۆرۈنگەن مۇشۇ ۋەقە ئۈچۈن نېمىشقا مۇشۇ قاتتىق جازالىق سۆز چىقىدۇ؟ پىكرىمىزچە، ئۈچ سەۋەبى بار: ــ (1) ھەزەكىيا خۇداغا: «قەدەملىرىمنى ساناپ ماڭىمەن» دېگەن ۋەدىنى بەرگەنىدى، لېكىن بۇ قېتىم خۇدادىن ھېچ سورىماي شۇنداق قىلغان؛ (2) ئەلچىلەرنىڭ كەلگەنلىكىدىن ئۇ بەلكىم: «ھازىر مەن «جاھانغا داڭقى چىققان ئادەممەن»، «كىچىك دۆلىتىمىزنىڭ جاھاندا ئورنى بار» دەپ تەكەببۇرلىشىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. (3) مۇشۇلاردىن سىرت، بىلىشىمىزچە مېروداق-بالادان ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى بەرپا قىلماقچى. ئۇ «تەكەللۇپ كۆرسىتىدىغان» مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەزەكىيانى ئىتتىپاققا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغانلىقىنى، قۇياشنىڭ نۇرىنىڭ «كەينىگە يانغانلىقى»دەك ئىنتايىن كارامەت مۆجىزىنى كۆرگەن، خۇدانىڭ «مەن سىلەرنى ئاسۇرىيەدىن قۇتقۇزىمەن» دېگەن ۋەدىسىنى ئاڭلىغان ھەزەكىيا قانداقمۇ خۇداسىز بىر ئەل-يۇرت بىلەن ئىتتىپاقلاشماقچى بولغاندۇ؟ «ئاغۋات» ــ پىچىۋېتىلگەن ئادەم، «يەش.» 4:56-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
□20:19 «ئۆز كۈنلىرىمدە بولسا ئامان-تىنچلىق، خۇدانىڭ ھەقىقەت-ۋاپالىقى بولمامدۇ؟» ــ ھەزەكىيا مۇشۇ سۆزلەرنى يەنە ئوچۇق ئېيتىشى مۇمكىن. «سىز ئېيتقان پەرۋەردىگارنىڭ مۇشۇ سۆزى ياخشى ئىكەن» ــ مۇشۇ ئايەتتە، ھەزەكىيانىڭ ئۆز-ئۆزىگە دېگەنلىرى باشقىلارغا، ھەتتا ئۆز جەمەتىگە بولغان بىرخىل بىغەم، كۆيۈمسىز پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرىدۇ. يەشايا دېگەن بېشارەت ئەمەلىيەتتە يۈز يىلدىن كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان؛ ۋاقىتنىڭ سوزۇلۇشى بولسا بەلكىم يەھۇدانىڭ كېيىنكى بىر پادىشاھى (يوسىيا)نىڭ قاتتىق توۋا قىلىشى تۈپەيلىدىن بولدى.
■20:20 2تار. 32:30