«ھېرودلار» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ. ■ مات. 22:15؛ لۇقا 20:20. 14 ئۇلار كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سىلىنى سەمىمىي ئادەم، ئادەملەرگە قەتئىي يۈز-خاتىرە قىلمايدۇ، ھېچكىمگە يان باسمايدۇ، بەلكى كىشىلەرگە خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىمىز. سىلىچە، رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ □ «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش...» ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرىلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟» ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان. 15 زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ ــ دېيىشتى.
■12:1 زەب. 80:8-9؛ يەش. 5:1؛ يەر. 2:21؛ 12:10؛ مات. 21:33؛ لۇقا 20:9.
■12:7 يار. 37:18؛ زەب. 2:8؛ مات. 26:3؛ يـۇھ. 11:53
□12:10 «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» ــ «بۇرجەك تېشى» بولسا ھەرقانداق ئىمارەتنىڭ ئۇلىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۇيۇلتاش بولۇپ، ئۇل سېلىنغاندا بىرىنچى بولۇپ قويۇلىدىغان تاشتۇر. يەھۇدىي كاتتىۋاشلار «روھىي ھايات»نىڭ بۇرجەك تېشى بولغان مەسىھنى تاشلىشىۋەتمەكچى ئىدى، ۋە دەرۋەقە تاشلىۋەتتى.
■12:10 زەب. 118:22-23؛ يەش. 28:16؛ مات. 21:42؛ لۇقا 20:17؛ روس. 4:11؛ رىم. 9:33؛ 1پېت. 2:6.
□12:11 «... بۇ ئىش پەرۋەردىگاردىندۇر، بۇ كۆزىمىز ئالدىدا كارامەت بىر ئىشتۇر» ــ تولۇق بېشارەت (10-11) «زەب.» 22:118-23دە تېپىلىدۇ.
■12:11 زەب. 118:22،23
□12:13 «ھېرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرى» ــ ھېرود پادىشاھ رىم ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئۇ يەھۇدىي بولمىغاچقا يەھۇدىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچ ئىدى. شۇنداق بولغىنى بىلەن ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، ئۇنى قوللايدىغان «ھېرود تەرەپدارلىرى» بار ئىدى. «ھېرودلار» توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.
■12:13 مات. 22:15؛ لۇقا 20:20.
□12:14 «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش...» ــ رىمنىڭ ھەربىر ئىمپېراتورىغا «قەيسەر» دېگەن نام-ئۇنۋان بېرىلەتتى؛ مەسىلەن قەيسەر ئاۋغۇستۇس، قەيسەر يۇلىئۇس، قەيسەر تىبېرىئۇس قاتارلىقلار. «قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟» ــ ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقانىدى. ئەگەر ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپتىن ئازادلىقنى ئىستىگەن يەھۇدىيلار ئۇنى «مانا تازا بىر يالاقچى، خائىن ئىكەن» دەپ تىللىشاتتى. «باج تاپشۇرماسلىق كېرەك» دېگەن بولسا، ئۇ رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىققان بولاتتى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى رىم ۋالىيىسىغا ئەرز قىلغان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.
□12:15 «ماڭا بىر «دىنار» پۇلنى ئەكېلىڭلار، مەن كۆرۈپ باقاي» ــ «دىنار» ياكى «دىنارىئۇس» دېگەن رىم ئىمپېرىيەسىدىكى بىرخىل پۇل بىرلىكى بولۇپ، ئۈستىگە قەيسەرنىڭ سۈرىتى بېسىلغانىدى، ئەلۋەتتە. بىر «دىنارىئۇس» تەخمىنەن بىر ئادەمنىڭ كۈنلۈك ھەققى بولاتتى («مات.» 2:20نى كۆرۈڭ).
□12:17 «قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار» ــ دېمەك، «قەيسەرگە قەيسەرنىڭ ھەققى (ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن نەرسە)نى تاپشۇرۇڭلار» ــ قەيسەرگە باج تۆلەش كېرەك. ئەمما قانداق نەرسە ئۈستىدە «خۇدانىڭ سۈرىتى» بار؟ ئىنسان ئۆزى «خۇدانىڭ سۈرىتى» بولۇپ، بىز پۈتۈنىمىزنى خۇداغا تاپشۇرىشىمىز كېرەكتۇر («يار.» 26:1-27نى كۆرۈڭ).
■12:17 مات. 17:25؛ 22:21؛ رىم. 13:7.
□12:18 «سادۇقىيلار» ــ بۇ مەزھەپدىكىلەر توغرۇلۇق «مات.» 1:16دىكى ئىزاھاتنى ۋە «تەبىرلەر»نى كۆرۈڭ.
■12:18 مات. 22:23؛ لۇقا 20:27؛ روس. 23:8.
□12:19 «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ...» ــ گرېك تىلىدا «بىرسنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئۆلسە،...». «ئۇنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» ــ «قان.» 5:25.
■12:19 يار. 38:8؛ قان. 25:5، 6.
■12:25 مات. 22:30؛ 1يۇھ. 3:2.
□12:26 «مەن ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسىدۇرمەن!» ــ «مىس.» 6:3.
■12:26 مىس. 3:6،15؛ مات. 22:31،32؛ روس. 7:32؛ ئىبر. 11:16.
□12:27 «ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر!» ــ ئەيسانىڭ بۇ سۆزى توغرۇلۇق «ماتتا»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.
■12:28 مات. 22:34؛ لۇقا 10:25.
■12:29 قان. 4:35؛ 6:4-5؛ 10:12؛ لۇقا 10:27.
■12:31 لاۋ. 19:18؛ مات. 22:39؛ رىم. 13:9؛ گال. 5:14؛ ياق. 2:8.
□12:32 «چۈنكى ئۇ بىردۇر، ئۇنىڭدىن باشقىسى يوقتۇر» ــ «ئۇ» خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■12:34 قان. 4:35؛ 6:4-5؛ يەش. 45:21
□12:35 «بۇلارغا جاۋابەن مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى» ــ گرېك تىلىدا «مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ». «داۋۇتنىڭ ئوغلى» ــ مۇشۇ يەردە «داۋۇتنىڭ ئەۋلادى»نى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.
■12:35 مات. 22:41؛ لۇقا 20:41.
□12:36 «پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ *«مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ زەب.» 1:110.
■12:36 زەب. 110:1؛ روس. 2:34؛ 1كور. 15:25؛ ئىبر. 1:13؛ 10:13.
□12:37 «داۋۇت مەسىھنى شۇنداق «رەببىم» دەپ ئاتىغان تۇرسا، ئەمدى (مەسىھ) قانداقمۇ داۋۇتنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟» ــ دېمەك، قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «رەببىم» دېگەن يەردە مەسىھ داۋۇتتىن ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەم تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا «رەب» سۈپىتىدە ئىدى.
□12:38 «تەۋرات ئۇستازلىرى... بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئۇزۇن سالاملىرىغا...ئامراق كېلىدۇ» ــ «ئۇزۇن» دېگەن سۆز گرېكچە تېكىستتە يوق؛ تارىخ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسەن ئۇلارغا قىلغان «سالاملار»نى ئىنتايىن ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ دەپ بىلىمىز.
■12:38 مات. 23:5، 6؛ لۇقا 11:43؛ 20:46.
■12:40 مات. 23:14؛ لۇقا 20:47؛ 2تىم. 3:6؛ تىت. 1:11.
□12:41 «سەدىقە ساندۇقى» ــ گرېك تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «خەزىنە»نى كۆرسىتىدۇ. لېكىن مۇشۇ يەردە ئىبادەتخانىدىكى خەزىنە ئۈچۈن سەدىقىلەر يىغىلىدىغان جاي، بەلكىم چوڭ بىر ساندۇقنى كۆرسەتسە كېرەك.
■12:41 2پاد. 12:10؛ لۇقا 21:1.
□12:42 «ئىككى لەپتون» ــ «لەپتون» دېگەن بۇ پۇل «دېنارىئۇس»نىڭ 1/128ى بولۇپ، بىر ئىشلەمچىنىڭ «ئالتە مىنۇت»لۇق ھەققىگە توغرا كېلەتتى.
■12:43 2كور. 8:12.