13
ئىبادەتخانىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت؛ ئاخىرقى زامانلاردىكى ئالامەتلەر
مات. 24‏:1-44؛ لۇقا 21‏:5-33
ئۇ ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:
ــ ئۇستاز، قارا، بۇ نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك تاشلار ۋە ئىمارەتلەر-ھە! ــ دېدى. مات. 24‏:1؛ لۇقا 21‏:5.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
ــ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44.
ئۇ زەيتۇن تېغىدا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئاندرىياسلار ئۇنىڭدىن ئاستىغىنا: مات. 24‏:3؛ لۇقا 21‏:7.
ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نېمە ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. روس. 1‏:6.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى:
ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. يەر. 29‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ 2تېـس. 2‏:2، 3؛ 1يۇھ. 4‏:1. چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن» ــ «مانا ئۆزۈم مەسىھدۇرمەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.   يەر. 14‏:14؛ 23‏:21. سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكى ئەمەس. چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، ئاچارچىلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بولىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار. «مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس» ــ ئەيسا مەسىھ قايسى ئىشنىڭ «تۇغۇلىدۇ»غانلىقىنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇنى يېڭى دەۋرنىڭ تۇغۇلۇشى دەپ قارايمىز.   يەش. 19‏:2.
سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. «سوت مەھكىمىلىرى» ــ گرېك تىلىدا «سانھېدرىنلار». يەھۇدىيلارنىڭ مەھكىمىلىرىنى ۋە بەلكىم باشقا ھەرخىل سوراقخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.   مات. 10‏:17؛ 24‏:9؛ لۇقا 21‏:12؛ يـۇھ. 15‏:19؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:10. 10 لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. «بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك» ــ «ئاۋۋال» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، خۇش خەۋەرنىڭ ھەر جايغا جاكارلىنىشى زاماننىڭ ئاخىرىدىن ئاۋۋال، شۇنداقلا بەلكىم 9-ئايەتتە ئېيتىلغان ناھايىتى ئېغىر زىيانكەشلىكتىن ئاۋۋال بولۇشى مۇمكىن («مات.» 14:24نى كۆرۈڭ). 11 ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ سوراققا تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. مات. 10‏:19؛ لۇقا 12‏:11؛ 21‏:4. 12 قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. ئ‍ەز. 38‏:21؛ مىك. 7‏:6. 13 شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. مات. 10‏:22؛ 24‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:7،10.
 
يېرۇسالېمدا ۋەيران قىلغۇچى «يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» پەيدا بولىدۇ؛ «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»
14 «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن. «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» ــ بۇنىڭ توغرىسىدا تەۋرات «دان.» 24:9-27نى ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.   دان. 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ لۇقا 21‏:20،21؛ 2تېـس. 2‏:4 15 ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىگە چۈشمەي ياكى ئۆيىدىكى بىرەر نېمىنى ئالغىلى ئىچىگە كىرمەي قاچسۇن. 16 ئېتىزلاردا تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. 17 ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! «ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ ئۇنداق كىشىلەرگە قېچىش ئەپسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە. 18  قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. «قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» ــ يەھۇدىي دىنىي ئەربابلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئادەتتە شابات (دەم ئېلىش) كۈنىدە شەھەر دەرۋازىسى ۋە دۇكانلارنى تاقىشى كېرەك. بۇ كۈنى سەپەر قىلىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، پەلەستىندە تۇرغانلارغا نىسبەتەن يېمەكلىك سېتىۋېلىش ۋە باشقا يەرلەرگە قېچىش ئىنتايىن قۇلايسىز بولىدۇ.
«قىش»تا يەھۇدىيەدە دەريا-ۋادىلاردا سۇ پات-پات تېشىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ قېچىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.
19 چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. مات. 24‏:21 20 ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ. «ئۇ ئۆز تاللىغانلار ئۈچۈن» ــ گرېك تىلىدا «ئۇ تاللىغان تاللىغانلىرى ئۈچۈن» دېگەنلىك بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ خۇدا ئۆزىنىڭ تاللىغانلىرىغا باغلىغان مۇھەببىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. 21 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. ««قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار» ــ «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.   مات. 24‏:23؛ لۇقا 21‏:8. 22 چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ. قان. 13‏:2؛ 2تېـس. 2‏:11. 23 شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم.
 
ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىشى
24 ئەمدى شۇ كۈنلەردە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:10،31؛ 3‏:15؛ مات. 24‏:29؛ لۇقا 21‏:25؛ ۋەھ. 6‏:12. 25 يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. «يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ» ــ «يەش.» 10:13، 4:34، «يو.» 10:2نى كۆرۈڭ. «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم بارلىق جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «لەرزىگە كېلىدۇ» بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈچتىن قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.   يەش. 13‏:10؛ 34‏:4. 26 ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. «ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» ــ «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ.   دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7. 27 ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ. «دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن» ــ گرېك تىلىدا «تۆت شامالدىن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
 
ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش
28 ــ ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. مات. 24‏:32؛ لۇقا 21‏:29. 29 خۇددى شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. «مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار» ــ بۇ تېكىستتىكى «ئۇنىڭ (يېقىنلاپ قالغانلىقى)» ياكى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆزىنى، ياكى كېلىدىغان كۈنىنى، ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ («لۇقا» 31:21).
30 مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. «ۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ» ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (2:13) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (26:13) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم (2) پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»تىكى ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3)-شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ. 31 ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 40‏:8؛ 51‏:6؛ ئىبر. 1‏:11.
 
ھوشيار بولۇڭلار
32 لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ. مات. 24‏:36؛ روس. 1‏:7. 33 ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. مات. 24‏:42؛ 25‏:13؛ لۇقا 12‏:40؛ 21‏:36؛ 1تېس. 5‏:6. 34 بۇ خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇ قۇللىرىغا ئۆز ھوقۇقىنى بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە دەرۋازىۋەننىڭمۇ سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ. 35 شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ سەگەك بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ ــ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ ــ ئۇنى بىلەلمەيسىلەر؛ 36 ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسۇن! 37 سىلەرگە ئېيتقىنىمنى مەن ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: سەگەك تۇرۇڭلار!
 
 

13:1 مات. 24‏:1؛ لۇقا 21‏:5.

13:2 1پاد. 9‏:7، 8؛ مىك. 3‏:12؛ لۇقا 19‏:44.

13:3 مات. 24‏:3؛ لۇقا 21‏:7.

13:4 روس. 1‏:6.

13:5 يەر. 29‏:8؛ ئ‍ەف. 5‏:6؛ 2تېـس. 2‏:2، 3؛ 1يۇھ. 4‏:1.

13:6 «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن» ــ «مانا ئۆزۈم مەسىھدۇرمەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

13:6 يەر. 14‏:14؛ 23‏:21.

13:8 «بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ» ــ ئىبرانىي تىلىدا (شۇنداقلا گرېك تىلىدا) بۇ ئىبارە دۇنيا بويىچە كېڭەيگەن ئۇرۇشلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن («يەش.» 2:19، «2تار.» 3:15-6دە بۇ تۇراقلىق ئىبارە توغرۇلۇق مىساللار بار. «مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس» ــ ئەيسا مەسىھ قايسى ئىشنىڭ «تۇغۇلىدۇ»غانلىقىنى بىۋاسىتە دېمەيدۇ. تۆۋەندىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا، بۇنى يېڭى دەۋرنىڭ تۇغۇلۇشى دەپ قارايمىز.

13:8 يەش. 19‏:2.

13:9 «سوت مەھكىمىلىرى» ــ گرېك تىلىدا «سانھېدرىنلار». يەھۇدىيلارنىڭ مەھكىمىلىرىنى ۋە بەلكىم باشقا ھەرخىل سوراقخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

13:9 مات. 10‏:17؛ 24‏:9؛ لۇقا 21‏:12؛ يـۇھ. 15‏:19؛ 16‏:2؛ ۋەھ. 2‏:10.

13:10 «بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك» ــ «ئاۋۋال» دېگەن سۆزگە قارىغاندا، خۇش خەۋەرنىڭ ھەر جايغا جاكارلىنىشى زاماننىڭ ئاخىرىدىن ئاۋۋال، شۇنداقلا بەلكىم 9-ئايەتتە ئېيتىلغان ناھايىتى ئېغىر زىيانكەشلىكتىن ئاۋۋال بولۇشى مۇمكىن («مات.» 14:24نى كۆرۈڭ).

13:11 مات. 10‏:19؛ لۇقا 12‏:11؛ 21‏:4.

13:12 ئ‍ەز. 38‏:21؛ مىك. 7‏:6.

13:13 مات. 10‏:22؛ 24‏:13؛ لۇقا 21‏:19؛ ۋەھ. 2‏:7،10.

13:14 «ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق» ــ بۇنىڭ توغرىسىدا تەۋرات «دان.» 24:9-27نى ۋە ئۇ توغرۇلۇق ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.

13:14 دان. 9‏:27؛ مات. 24‏:15؛ لۇقا 21‏:20،21؛ 2تېـس. 2‏:4

13:17 «ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!» ــ ئۇنداق كىشىلەرگە قېچىش ئەپسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

13:18 «قاچىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار» ــ يەھۇدىي دىنىي ئەربابلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا بولغان چۈشەنچىسىگە ئاساسەن، يەھۇدىيلار ئادەتتە شابات (دەم ئېلىش) كۈنىدە شەھەر دەرۋازىسى ۋە دۇكانلارنى تاقىشى كېرەك. بۇ كۈنى سەپەر قىلىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا، پەلەستىندە تۇرغانلارغا نىسبەتەن يېمەكلىك سېتىۋېلىش ۋە باشقا يەرلەرگە قېچىش ئىنتايىن قۇلايسىز بولىدۇ. «قىش»تا يەھۇدىيەدە دەريا-ۋادىلاردا سۇ پات-پات تېشىپ تۇرغاچقا، قىشتىمۇ قېچىش ئىنتايىن تەس بولىدۇ.

13:19 مات. 24‏:21

13:20 «ئۇ ئۆز تاللىغانلار ئۈچۈن» ــ گرېك تىلىدا «ئۇ تاللىغان تاللىغانلىرى ئۈچۈن» دېگەنلىك بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ــ خۇدا ئۆزىنىڭ تاللىغانلىرىغا باغلىغان مۇھەببىتىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

13:21 ««قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار» ــ «ئۇ» ــ مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.

13:21 مات. 24‏:23؛ لۇقا 21‏:8.

13:22 قان. 13‏:2؛ 2تېـس. 2‏:11.

13:24 يەش. 13‏:10؛ ئ‍ەز. 32‏:7؛ يو. 2‏:10،31؛ 3‏:15؛ مات. 24‏:29؛ لۇقا 21‏:25؛ ۋەھ. 6‏:12.

13:25 «يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ» ــ «يەش.» 10:13، 4:34، «يو.» 10:2نى كۆرۈڭ. «ئاسماندىكى كۈچلەر» بەلكىم بارلىق جىن-شەيتانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ «لەرزىگە كېلىدۇ» بەلكىم ئۇلارنىڭ كۈچتىن قېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.

13:25 يەش. 13‏:10؛ 34‏:4.

13:26 «ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ» ــ «دان.» 13:7نى كۆرۈڭ.

13:26 دان. 7‏:10؛ مات. 16‏:27؛ 24‏:30؛ مار. 14‏:62؛ لۇقا 21‏:27؛ روس. 1‏:11؛ 1تېس. 4‏:16؛ 2تېـس. 1‏:10؛ ۋەھ. 1‏:7.

13:27 «دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن» ــ گرېك تىلىدا «تۆت شامالدىن» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

13:28 مات. 24‏:32؛ لۇقا 21‏:29.

13:29 «مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار» ــ بۇ تېكىستتىكى «ئۇنىڭ (يېقىنلاپ قالغانلىقى)» ياكى ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆزىنى، ياكى كېلىدىغان كۈنىنى، ياكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ («لۇقا» 31:21).

13:30 «ۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ» ــ ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (مىلادىيە 70-يىلى) (2:13) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «دەۋر» دېگەن سۆز تەبىئىيكى (1) ئەيسانىڭ دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (26:13) قارىتىلغان بولسا، «دەۋر» دېگەن سۆز بەلكىم (2) پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى (3) بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان «دەھشەتلىك ئازاب-ئوقۇبەت»تىكى ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش دەۋرىدە ياشىغانلارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بارلىق ۋەقەلەر شۇ دەۋر ئىچىدە يۈز بېرىدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. بىزنىڭچە (3)-شەرھ ئالدى-كەينى ئايەتلەرگە ئەڭ باپ كېلىدۇ.

13:31 زەب. 102‏:25-27؛ يەش. 40‏:8؛ 51‏:6؛ ئىبر. 1‏:11.

13:32 مات. 24‏:36؛ روس. 1‏:7.

13:33 مات. 24‏:42؛ 25‏:13؛ لۇقا 12‏:40؛ 21‏:36؛ 1تېس. 5‏:6.